
باش رولچى :
تۈرى : ئۇنۋىرىسال
ئاۋاتلىقى :
Loading......
قوشۇلغان ۋاقتى: 2008-1-3


لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا فىلىمىنى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كېنو شەھرى ھوللىۋودتىكى بىر كېنو- فىلىم سۈرەتكە ئېلىش قويۇش شىركىتى سۈرەتكە ئالغان ۋە يېقىندا بۇ كېنونى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە قويغان.
بۇ فىلىم ئاساسلىقى ئافغانىستان، قەشقەر، سان فىرانسىسكو يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىرقانچە شەھەرلەر قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، فىلىمدە لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، تالىبان ئۇرۇشى ۋە باشقا ۋەقەلىكلەر بىرگە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
فىلىمىنىڭ تىلى ئافغانچە ۋە ئېنگىلىزچىنى ئاساس قىلىدۇ، ئافغان تىلىدا سۆزلەشكەن ئورۇنلاردا ئېنگىلىزتىلىدىكى ئېكىران يېزىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
مەن بۇ فېلىمنى بىر قېتىم ئاددىيلا كۆرۈپ چىقتىم، فىلىمدا يۇرتىمىز شىنجاڭدىن قەشقەر شەھرى ۋە تاشقۇرغان ناھىيىسىنىڭ بەزى بىر يەرلىرىنى تونىيالىدىم. قەشقەر شەھىرىدىن: ئۆستەڭ بويى كوچىسى، بۇلاق بېشى، گۈزە ئەتىراپىدىكى خالتا كوچىلارنى تونىيالىدىم.
تاشقورغان ناھىيىسىدىن: تاشقورغان ناھىيىسىگە بېرىش يولى، قارا كۆل، بۇلۇڭ كۆل، مۇزتاغ ئاتا چوققىسى، تاشقورغان ناھىيىسى ئىچىدىكى قەدىمى «تاشقورغان قەلئەسى»، يايلاق قاتارلىق ئورۇنلارنى تونىيالىدىم.
ھوللىيۋودنىڭ كېنوسىدا ئۆز يۇرتىڭىزنى كۆرسىڭىز شۇنداق ھاياجانلىنىپ كېتىدىكەنسىز، بۇ فىلىمنى كۆرگەن پۈتكۈل دۇنيا خەلقى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ تاغ- دەريالىرىنىڭ بىر قىسىمى كۆرەلەيدىكەن، لېكىن ئۇلار بۇ جايلارنى ئافغانىستان دەپ بىلىشى مۇمكىن.
خەنزۇچە ئىسمى «追风筝的人» ، بەزىلەر «追风筝的男孩 » مۇ دەيدۇ . ئاخرى كۆردىغان بولدۇقتە بۇ فىلىمنى . قەشقەردە تارتىپ بولۇپ ئاندىن خېبېينىڭ باۋدىڭ (بېيجىڭدىن ئىككى سائەتلىك يول) دا ئاخرىقى كۆرۈنۈشىنى تارتقان